خۇتەن پادىشاھلىقى قۇرۇلغان يۇتتتىكى ئەسلىمەم ۋە مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇمھاجىم

خۇتەن پادىشاھلىقى قۇرۇلغان يۇتتتىكى ئەسلىمەم ۋە مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇمھاجىم

ھېيتاخۇن مەمتىمىن

كۆپىنچە كىشىلىرىمىز ئەجدادىمىز قۇرغان ئەڭ ئاخىرقى بەگلىكلىرىمىزدىن ئىلى سۇلتانلىقىنى بىلسىمۇ خوتەن پادىشاھلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن،مەن بۈگۈن خوتەن پادىشاھلىقىنى ئەسكە سېلىپ قويۇش بىلەن بىرگە  ئۇستاىم مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇمنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرماقچىمەن.  مەرھۇم ئىنقىلاپچى سازەندىمىز كۆرەش كۈسەننىڭ بىر ناخشىسىدا سۇلتان بولۇپ خان ئۆتكەن ئۇيغۇرۇمسەن جاھاندا،دەپ يۈرەكنى تىترىتىدىغان بىر ناخشىسى بولىدىغان،بىز ئەجداتلىرىمىزنى يات ئېتىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىتۋارلىقىمىزنى ئاشۇرالايمىز. ئۇاستازىم مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم 1999-يىلى تۈركىيەگە چىقىپ كېتىش سەۋەبى بىلەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يېنىدا ئوقۇۋاتقان مەن پېقىر بىلەن باشقا 11 تالىپنى مەمەت ئېلى ئاخۇن خەلپىتىمگە ئامانەت قىلغان ئىدى.مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم ئەينى چاغدا خوتەن شەھەردىكى ھال-ئوقىتى ياخشى كىشىلەردىن بولۇپ  قۇرۇلۇشتا ماددى جەھەتتىن ئۆزىنىڭمۇ كۆپ ھەسسىسى بولغان ئۆيىنىڭ تامخوشنىسى مەسچىتتە بامداتتىن كېيىن دەرس ئۆتەتتى،مەن مەخسۇمدا سەپ-نەھۋە(ئەرەپ تىلى موفولوگىيسى)،مۇختەسەر ۋاقايە،شەرھى ۋەقايە ۋە پىرقەتۇنناجىيە قاتارلىق كىتاپلارنى دەرسلىك قىلىپ ئوقۇغانلىقىم يادىمدا.ئۇ چاغلاردا مازاغا تىۋىنىشكە قارشى تۇرۇش،تەۋھىت ئەقىدىسىنى مۇستەھكەملەش دولقۇنى كۈنتەرتىپتىكى چاغلار ئىكەنتۇق،سوپى-ۋاھابى ئىىختىلاپى ئەۋجگە چىقىپتىكەن،ئامىننى ئۈنلۈك توۋلىغانلار بىلەن ئىچىدە ئوقۇيدىغانلار ،تەشەھھۇتتا ئىشارەت  بارمىقىنى مىدىرلاتقانلار بىلەن مىدىرلاتمىغانلار بولۇپ ئىككى خىل دىنى تۇرمۇش مۇھىتى بار ئىكەن.بىرەر ھەدىسنى ئاڭلىۋېلىپلا ئىمامى ئەزەم ئەبۇھەنىفەنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەھۋاللارمۇ ئېغىر ئىدى، بىر ياق تەسەۋۋۇپقا مايىل ئادەملىرىمزنى مۇشرىك دەپ ئەيپلىسە،يەنە بىر تەرەپ بۇياقنى  كالتا-قۇرۇق ۋاھابىي ئەسلىيەچىلەر دەپ ئەيپلىشىدىغان زامانلار ئىدى.ئېسىمدە قېلىشىچە قاراقاشنىڭ قوچى يېزىسىدا بىر مەسچىت جامائىتى مۇشۇ توغرىسىدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ مەسچىتىنىڭ جايناماز ۋە بورلىرىغا قەدەر بۆلۈشكەن ئىكەن.مېنىڭ بىر ئاۋالقى شورۋاغلىق تەسەۋۋۇپ ئەھلى ئۇستازىم مەمەت ناسىر داموللامدا تەلىم ئالغانلىقىم  ۋە   چىرىيەگە خاس يەكتىكىم بولغاچقىمىكىن مەخسۇمكام مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزۇپ قويۇپ نەمۇنىلىك تالىپ دەپ ۆرسۈتۈپ  ئوتتۇرايولغا رىغبەتلەندۈرىدىغان چاغلىرىمۇ ھېلىھەم ئېسىمدە.شۇچاغلاردا مازار تاۋاپ قىلىدىغانلارنىڭ قىلمىشىغا قارشى تۇراتتۇق، شۇ كۈنلەردە چىرىيەدىكى ئىمام جەپىر تەيران مازىرىغا ئوت قويۇۋېتىلگەن بولۇپ مەن تا ھازىرغا قەدەر ئۇنى  خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىشىمۇ ياكى  ئىچىمىزدىن بىرەرسى ساۋاپ تاپىمەن دەپ قىلدىمۇ تېگىگە يېتەلمىدىم.مەرھۇم ئۇستازىم مۇھەممەد ئ‍ابدۇللاھ مەخسۇمھاجىم ئوقۇتقان تالىپلىرىغا ئۆزىنىڭ قورۇسنى ھەقسىز ئولتۇرۇپ تۇرۇشقا بەرگەن بولۇپ بىرقاتار كىتاپلارنى ئىچكىرىدە باستۇرۇپ ھەقسىز تارقاتقان ئىدى.  

ئۇستازىمنىڭ تەرجىمىھالىنى رەتلەۋاتسام،ئوغلى ئابدۇلجېلىل تۇران ئاكا يىللار بۇرۇن يازغان تەرجىمىھالنى ماڭا ئەۋەتىپتۇ.مەنمۇ ئەينەن ئېلان قىلىشنى لايىق تاپتىم. كىم بىلىدۇ بەلكىم خوتەندە ئۆتكەن يېقىنقى زامان ئۆلىمالىرىمىز ھەققىدە بىزگە دەرس خارەكتېرلىق ئەسلىمىلەرگە ۋەسىلەر بۇلار!

ئەمىسە دىققىتىڭلار ئابدۇلجېلىل تۇراران ئاكىنىڭ بايانىدا  بولسۇن:

مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم 1924 ـ يىلى خوتەننىڭ ئاتچۇي يېزىسىدا يۇقىرى قاتلام دىيانەتلىك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ 1998-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى پانى ئالەمدىن باقى ئالەمگە سەپەر قىلغان.

ئاتچۇي خوتەن پادىشاھى دەپ مەشھۇر بولغان مۇپتى ھەبىبۇللاھ ھاجىمنىڭ يۇرتى بولۇپ، 1864 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى خوتەن خەلقى مۇپتى ھەبىبۇللاھ ھاجىمنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قۇماندانلىقىدا ئىنقىلاب قىلىپ قوزغىلىپ، خوتەننى ئازات قىلىپ، مۇپتى ھەبىبۇللاھ ھاجىمنى پادىشاھ قىلىپ سايلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇپتى ھەبىبۇللاھ ھاجىم خەلق ئىچىدە «ھاجى پادىشاھ» دەپ ئاتىلىدۇ. ھاجى پادىشاھنىڭ 30 ئايلىق پادىشاھلىق زامانىدا خوتەندە ئاجايىپ باياشاتلىق ۋە خاتىرجەملىك يۈگۈزۈلۈپ، سودىگەرلەر دۇكانلىرىغا قولپا سالمايدىغان، دېھقانلار دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئاخشىمى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كەتمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. 1867 ـ يىلى ياقۇپ بەگ خوتەندىكى مازارلارنى زىيارەت قىلىمەن دېگەننى باھانە قىلىپ، ھاجى پادىشاھنى مىڭ بىر ھىلە ۋە خىيانەت بىلەن ئالداپ تۇتقۇن قىلىپ، شەھىد قىلىدۇ ۋە ئارقىدىن خوتەنگە بېسىپ كېلىپ، بىچارە خوتەن خەلقىنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ، ئۇرۇپ ـ چېپىپ قەتلىئام قىلىپ، ئىككى كېچە ـ كۈندۇزدە 50 مىڭ خوتەن مۇسۇلمانلىرىنى شەھىد قىلىپ، خوتەن پادىشاھلىقىنى نابۇت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «شەھىدانە خوتەن» دېگەن سۆز داستان بولۇپ، تارىختا قالىدۇ.

مۇھەممەد ئابدۇللاھ مەخسۇم 5 ـ 6 ياشلىرىدا دادىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم قالىدۇ. 1955 ـ يىللىرىغىچە، بىر تەرەپتىن ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا يەنە بىر تەرەپتىن، خوتەندە ئەندىلىپ ئاخۇنۇم (خوتەن سېرغىز يېزىسىدىن بولۇپ، 1986 ـ يىلى ۋاپات بولغان)، تۈردى مۇھەممەد ئاخۇن داموللام (مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا بامدات نامىزىغا ماڭغاندا غايىپ ئوق تىگىپ شەھىد بولغان)، رەجەپ ئاخۇن داموللام (خوتەن شەھەر ئىچىدىن بولۇپ، 1980 ـ يىللىرى ۋاپات بولغان)، خوتەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئاتۇشلۇق  ئابدۇلباقى ئاخۇن داموللام قاتارلىق ئالىملاردىن دەرس ئالىدۇ. بىرقاتار دەرسلەرنى ئوقۇپ تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قاغىلىققا بېرىپ ئابدۇلھىكىم مەخسۇم ھاجىم، ياسىن ئاخۇن داموللام (1975 ـ يىلى ۋاپات بولغان قاغىلىقلىق داڭلىق ئالىم)، ئۇندىن كېيىن كاشغەرگە بېرىپ، كاشغەر مەدرىسىلىرىدە سۇلايمان ئاخۇن داموللام (سۇلايمان ئاخون داموللام ئەسلى خوتەنلىك، كاشغەر ساچىيە مەدرسىسىنىڭ داڭلىق مۇدەررىسلىرىدىن بولۇپ، 1992 ـ يىلى كاشغەردە ۋاپات بولغان)، ئەمىن ئاخۇن مەۋلىۋى(1973 ـ يىللىرى ۋاپات بولغان كاشغەر خانلىق مەدرسىنىڭ كاتتا مۇدەررىسلىرىدىن) ۋە باشقا ئالىم ـ ئۆلىمالار قولىدا ئوقۇپ، 1959 ـ يىلى كاشغەردىكى مەدرىسىلەر پىچەنلەنگەندە خوتەنگە قايتىپ كېلىپ، تىجارەت قىلىدۇ. 1960 ـ يىلىدىن 1976 ـ يىلىغا قەدەر خوتەندە 14 ـ دېھقانچىلىق دادۈيدە بوغالتىرلىق قىلىدۇ.

1969 ـ 1971 ـ  ۋە 1974 ـ 1976 ـ يىللىرى قاراڭغۇ بازارچى دېگەن «جىنايەت» بىلەن بىرىنجى قېتىم 25 ئاي، 13 كۈن،  ئىككىنچى قېتىم 27 ـ ئاي 13 كۈن جەمئى 53 ئاي تۈرمىدە ياتىدۇ. چۈنكى ئۇ يىللاردا ئوغرىلىق قىلىشتىن، تىجارەت قىلىش چوڭراق جىنايەت ھېساپلىناتتى. ھەتتاكى 1968 ـ يىللىرى بولسا كېرەك ئويدە باقىدىغان، ئەمما شۇنداق «قاراڭغۇ بازارچىلىق»قا ئىشلەتكەن بىزنىڭ قارا ئېشەكمۇ  9 ئاي تۈرمىگە قامالغان ئىدى.

1976 ـ يىلى ئىككىنچى قېتىم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 1983 ـ يىلىغىچە خوتەن قۇرۇلۇش ئەترىتىدە بوغالتىرلىق قىلىدۇ.

1980 ـ يىللىرى خوتەندە باشلانغان يېڭى ئىسلامى ئويغىنىش ھەرىكىتىگە ئاساس سالغۇچى 15 ـ 18 ـ يىللار تۈرمىدە «ئۆزگىرىپ» كەلگەن ئابدۇللاھ قارىم، ئابدۇل ئەزىز قاراجىم، ئابدۇللاھ قارى داموللام، مۇھەممەد قۇربان داموللام قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خوتەندە، جۈملىدىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا يامراپ كەتكەن خۇراپاتلىق، بىدئەتچىلىك ھەرىكىتىگە شىددەت بىلەن قارشى تۇرۇپ، مازار ـ ماشايىخلارغا چوقۇنماسلىقنى، مازارلارنى تاۋاپ قىلماسلىقنى، مازارلارغا تۇغ ـ ئەلەم تىكلىمەسلىكنى، مازالارغا كالا، قوچقارلارنى ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلماسلىقنى، مازرلاردا قۇرئان ئوقۇپ پۇل ئالماسلىقنى، ناماز ھەققى ئالماسلىقنى، «رەدنامە» ئوقۇماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. بىر قىسىم جاھالەتپەرەس سۇپى ـ ئىشانلارنىڭ ئىسلامىيەت بىلەن ھېچ قانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر بۆلۈك  ناچار، خۇراپى ئادەتلىرىنى نۇرغۇن توسقۇنلۇقلارغا پەرۋا قىلماي قاتتىق تەنقىت قىلغان.

1983 ـ يىلى پاكىستان چونجىراپ يولى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغاندىن كېيىن ئۇيەردە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئالىم ـ ئۆلىمالاردىن ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ھاجىم، مۇھەممەد سابىت داموللام (خوتەن گۇمىدىن بولۇپ، 1994 ـ يىلى جىددىدە ۋاپات بولغان)، قارى قۇرئان ھاپىز قاراجىم (ھاپىز قاراجىم مەدىنىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان گۇمىلىق كىشى بولۇپ، قارائەت ئىلمىدە ئەرەبىستاندا تونۇلغان كىشى ئىدى)، ئابدۇلھەمىد مەۋلىۋى، ئابدۇسساتتار مەۋلىۋى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ دوس بولىشىدۇ.

83 ـ يىللىق ھەجدىن كېيىن ئەرەبىستاندا 4 ـ 5 ئايدەك تۈرۈپ يىل ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىدۇ. تۈركىيەدە 5 ـ 6 ئاي تۇرۇپ پاكىستانغا كېلىپ، 1984 ـ يىلى پاكىستاندىن قايتا ھەجگە بېرىپ، ھەجدىن كېيىن يەنە پاكىستانغا قايتىپ كېلىدۇ.

1984 ـ يىلى 12 ـ ئايدا 10 بالا بىلەن پاكىستاندىن قەدىمى دىيار مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىگە بارىدۇ. قاھىرىگە كەلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ «ئەل ئەزھەر» ئالى ئىلىم دەرگاھىدا ئوقۇشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن يول ماڭىدۇ، بۇ يولدا قاھىرىدە بىر بۆلۈك مىسىرلىق ئالىملار بىلەن تونۇشۇپ، دوس بولىشىدۇ. مسىردا ئىككى ئايدەك زىيارەتتە بولغاندىن كيىن، مىسىردىن ئەرەبىستان، پاكىستان يولى بىلەن خوتەنگە قايتىپ كېلىپ، خوتەندە ئۆز ئۆيىدە تالىپ ئوقۇتۇشقا باشلايدۇ.  ئوقۇتۇلغان دەرسلەر نەھۋى، سەرپ (ئەرەب تىلى مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس ئىلمى)، بالاغەت (سىتىلىستىكا)، ھەدىس، پىقھى، تەپسىر قاتارلىق ئىلىملەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئوقۇيدىغان تالىپلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن ـ كۈنگە ئېشىپ كېتىدۇ. 1989 ـ يىلىغا كەلگەندە كېسەللىك سەۋىبى بىلەن دەرىس ئوقۇتۇشنى توختىتىدۇ. 1992 ـ يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىپ، 1997 ـ يىلى خوتەنگە قايتىپ كېتىدۇ. 1998 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى (رامىزاننىڭ 4 ـ كۈنى)كېچە سائەت 01.30 ئەتراپىدا ئاللاھ تەئالا مەرھۇمقا تەقدىر قىلغان بۇ دۇنيادىكى ھايات مۇددىتى ۋە رىزقى نەسىۋىسى ئاخىرلىشىپ، قەلبى ھەرىكەتتىن توختاپ كۆزى مەڭگۈ يۇمىلىدۇ.

شۇن كۈنى پىشىن نامىزىدىن كشيىن نامىزى ئوقۇلۇپ، تۆت مىڭدىن ئارتۇق جامائەتنىڭ ئىشتىراكى بىلەن 80 دىن ئارتۇق ماشىنىدا «ئالىمنىڭ ئۆلگىنى ئالەمنىڭ ئۆلگىنى» دېگەندەك ئاجايىپ داغدۇغا ۋە ھەيۋەت بىلەن  ئۆز يۇرتى ئاتچۇي مازارلىقىغا ― ئاتا ـ ئانىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

Bu yazıyı nasıl buldunuz?

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.