ئۇيغۇر ئەمما قانداق ئۇيغۇر؟

ھېيتاخۇن مەمتىمىن
بىزنىڭ ئۇيغۇر يارىتىلىشىمىز،ئەر ياكى ئايال بولۇپ ئاپىرىدە بولۇشىمىز قەدەر،مۇسۇلمانچە ياشىشىمىز تاللاشتۇر.
مەن ھاياتىمدا ھېچبىر ئۆلىمانىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئۇچراتمىدىم،قۇرئان كەرىمدىمۇ تىلىمىزنىڭ،رەڭگىمىزنىڭ پەرقلىق بولۇشىنىڭ ئاللاھنىڭ ئايىتى ئىكەنلىكى ھەققىدە بايانلار بار.
وَمِنْ آيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافُ أَلْسِنَتِكُمْ وَأَلْوَانِكُمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّلْعَالِمِينَ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى،تىلىڭلارنىڭ ۋە رەڭگىڭلارنىڭ خىلمۇخىللىقى ئاللاھنىڭ (قۇدرەت) ئالامەتلىرىدۇر.شۈبھىسىزكى،بۇلاردا پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ) ئايەتلەر بار (سۈرە رۇم 22-ئايەت)
بىز ياراتقۇچى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ بارچە تەلىماتلىرىغا 100 پىرسەنت ئىمان ئېيتقان كىشىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ روھى ئۇزۇقىنى بۇتساتۋانىڭ نوملىرىدىن يا بولمىسا ئاللىكىملەرنىڭ پەلسەپىسىدىن ئەمەس، قۇرئان كەرىمدىن ۋە رەسۇلىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئالىمىز. ئەكسىچە بولغاندا مۇسۇلمانلىقىمىز يالغان بولىدۇ.
ئاللاھنىڭ ھەرئىنساننى بىر مىللەت ۋە قەۋمگە تەۋە قىلىپ ياراتقان بىر ئايىتىگە ئېسىلغان بولۇۋېلىپ يەنە شۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرى بايان قىلىنغان تالاي ئايەتلىرىنى كۆرمەسكە سېلىش زالالەتتۇر.
ھەزرىتى مۇسا ئۆزى تەۋە بولغان بەنى ئىسرائىلغا تەڭرىنىڭ يوليۇيۇرۇقلىرىنى يەتكۈزگەندە ئەي خەلقىىم،ئەي مىللىتىم دەپ ۋەز نەسىھەت قىلغان،لېكىن ئۇ ئىچى قۇرۇق ۋە مۈجمەل مىللى كىملىككە دەۋەت قىلمىغان،لېكىن مىللىتىنى ئاللاھ كۆرسەتكەن تەۋرات تەلىماتلىرىغا بويسۇنۇشقا چاقىرغان.
ھەزرىتى ئەيسا بولسا، ئۆزى تەۋە بولغان بەنى ئىسرائىل مىللىتىنى ئىمانغا ۋە ئىسلامغا چاقىرغان ۋە قەۋمىنى ئىماندا بىرلىشىشكە ئۈندىگەن.
پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۇنۋېرسال بولغان ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزى تەۋە بولغان ئەرەپلەرنى ئاتا بوۋىلىرى نېمە قىلىپ كەلگەن بولسا،قەۋمى نېمىگە يۈگۈرگەن بولسا شۇ تەرەپكە ئەمەس،بەلكى ئاللاھ كۆرسەتكەن تەلىماتلار بويىچە توغرا ياشاشقا،دۇرۇسلۇققا تەشەببۇس قىلغان،ئىماندا ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا بىرلىككە كېلىشكە ئۈندىگەن.
والحافظون لحودودالله/ مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ھۇدۇد-چەكلىمىلىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدۇر(سۈرە تەۋبە 112-ئايەتنىڭ بىرقىسمى) ئايىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەر ئىمانلىق كىشى ئاۋال ئۆزى ئەمەل قىلىپ،باشقىلارنى شۇ يولغا تەشەببۇس قىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ يوليۇرۇقلىرىنى قوغدىشى،سۇلاندۇرۇشقا،ئەھكاملارنىڭ ئۇقۇملىرىنىڭ بورمىلىنىپ كېتىشىگە قارشى ھۇشيار تۇرۇشى ئەقەللى مەجبۇرىيتىدۇر. بۇنىڭ دىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋېلىش سەپسەتىىسى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق.
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشلىرىڭلار كىشىلەرگە ئەڭ پايدىلىق ئىش قىلغىنىڭلاردۇر دىيىش ئارقىلىق بىزنى مىللىتىمىز ئۈچۈن،ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندىگەن.
بىز ئەتىدىن كەچكىچە” مەن ئۇيغۇر” دېگەن شۇلارنى توۋلىساقمۇ،ئۇچىمىزغا ئەتلەس كانۋاي،بېشىمىزغا بادام دوپپا كىيىپ يۈرسەكمۇ قىلغان ئىشىمىز ياراتقۇچىنىڭ ان اكرمكم عند الله اتقاكم -ئاللاھنىڭ نەزىرىدە سىلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈنۈڭلار ئەڭ ئاڭلىق-تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر(سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت)
تەلىماتىغا چۈشمىسە ئەھمىيتى يوق.
گەنسۇدىكى،خۇنەندىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىشتىن سىرت ئىماننىڭ،ئىسلامنىڭ نېمىلىكىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن نامدا ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلچىلىك پايدىسى بارمۇ؟
ئىسلامغا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ياشاشقا تىرىشىدىغان بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىدىن تانغىنىنى مەن ئۇچراتمىدىم،ئاڭلىمىدىم،لېكىن دىنى سۇسلىشىپ كەتكەن ھەتتا ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىغا قارىتا دىلىدا غۇم بار بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزى تاللىۋالغان ياشاش ئۇسۇلنى ئۇيغۇرچە دەپ قاراپ،ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىنى كۆز قارچۇقىدەك ئاسراپ ئاللاھ ئىشقى بىلەن يۇغۇرۇلغان ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىغان قېرىنداشلارنىڭ ھايات مىزانىنى قوبۇل قىلالماي ئەرەپلىشىپ كەتتى دەپ ئەيپلەۋاتقانلىقىنى كۆپ ئۇچراتتىم.
تەكلىماكاندا تۇغۇلۇپ ئۇيغۇر بولۇپ يارالغان مەيلى دىندار،مەيلى سەكۈلەر،مەيلى كونسېرۋاتىپ،مەيلى لىبىرال ماڭا نىسبەتەن ھەممىسى مېنىڭ قېرىنداشلىرىم ۋە ھەتتا باشقا دىنغا كىرىپ كەتكەنلەر بولسىمۇ مەن ھەركىمنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمەن،ئۇلارنىڭمۇ بىزنىڭ دىنى ئەھكاملىرىمىزغا تىل ئۇزاتماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئارزۇ قىلىمەن.
ئەڭ ھەقىقى ئۇيغۇر ئاللاھنى تونۇغان ۋە خەلقى ئۈچۈن مېلىنى،زىھنىنى ۋە بارلىقىنى بېغىشلاپ تۆھپە قوشقان ئۇيغۇردۇر.
ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەنلىك ماڭا نىسبەتەن ئۇيغۇرلۇقىتىن چىقىپ كەتكەنلىكتۇر،بۇنىڭ تالاي مىساللىرى بار.
2000 يىللىق سەرسانچىلىقتا تەۋرات ئايەتلىرنى شەرھىلىگەندە ھامان بىركۈنى يەھۋا بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ ۋەدە قىلىنغان كەنئان زېمىنىغا كېتىشكە نېسىپ قىلىدۇ دېگەن ئۇقۇمنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىگەن خاخاملار يەھۇدى قەۋمىنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشىدە قانداق رول ئوينىغانلىقىنى كۆپلىرىڭلار بىلىسىلەر ھەرھالدا. سەكۈلەر يەھۇدىلارمۇ ئۆز موللاملىرىنىڭ مەزكۇر ئەمگىگىگە قول قويغان.
تەخمىنەن بۇندىن 500 يىللار بۇرۇن ھىندىستاندىن كۆچكەن سىگانلار دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىگە تاراپ ناخشا ئېيتىپ يۈرۈپ، خامىليۇندەك بارغان يەرنىڭ دىنىغا كىرىپ،نەدە ياشىسا شۇ يەرنىڭ تىلىدا سۆزلەپ تۈگىشىپ كەتكىنىدىنمۇ ھەرھالدا خەۋىرىڭلار بار؟
يەھۇدى قەۋمىدەك دىنىدىن ۋە ئانا تىلىدىن ۋاز كەچمەي قايتىدىن قەد كۆتۈرۈش ياكى سىگانلاردەك دىن ۋە تىلدىن بارا-بارا ۋاز كېچىپ،بىر-بىرىمىز بىلەن جېدەللىشىپ نابۇت بولۇشمۇ بىزنىڭ تاللىشىمىز.

Bu yazıyı nasıl buldunuz?

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.