ياۋرۇپادىكى ئىندىجىنس پىپىل- سامىلار

ياۋرۇپادىكى ئىندىجىنس پىپىل- سامىلار

ھېيتاخۇن مەمتىمىن

مەن ئىندىجىنس پىپىل مۇنازىرىسى ئارقىلىق مەلۇم تەشكىلات ياكى داۋا ئىچىدە بەلگىلىك تۆھپىسى بىلەن تونۇلغان كىشىلىرىمىزنىڭ تۆھمەت ئاستىدا قېلىشىنى خالىمايمەن، بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ياكى خىتاي ئالۋاستىلىرىنىڭ ئىندىجىنس غەۋغاسى قوزغاپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئوبرازىنى يەرگە ئۇرۇپ نۆلگە چۈشۈرۈۋېتىشىنىمۇ خالىمايمەن،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇتۇقلىرى ۋە كەمچىلىكلىرى بىلەن بىزنىڭ قۇرۇلتىيىمىزدۇر،شۇنداقلا بىرەر كىمنى ئاقلاش ۋازىپەممۇ يوق،سىياسەت ۋە سىياسەتۋازلىقنى ياقتۇرۇپمۇ كەتمەيمەن.لېكىن مەن مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرنىڭ ئىندىجىنس دەپ ئاتىلىپ قېلىشىدىن بىئارام بولىمەن،غەرپنىڭ ئىندىجىنس پىپىلغا قىلغان قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئېنگىلىزلار ماكانلىشىتىشن بۇرۇنقى ئاۋىستىرالىيەدىكى ئابورجىنلار ۋە ئامېرىكىدىكى قىزىل تەنلىكلەرگە ھىسداشلىق بىلدۈرىمەن،ئىسپانىيەلىك مۇستەملىكىچىلەرنىڭ لاتىن ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان ئاسسمىلاتسىيە ۋە بويسۇندۇرۇش قىلمىشلىرىنى زىنھار قوبۇل قىلمايمەن.بىرقەۋمنىڭ يەنە بىرقەۋمنى بۇزەك قىلىشى ۋە يۇرتىنى تارتىۋېلىپ دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىشىنىمۇ،تەرەققى قىلدۇرۇش نامىدا يۇتۇۋېلىشىنىمۇ ھەتتا پەتھى قىلدۇق دەپ بويسۇندۇرۇشىنىمۇ قەتئى قوبۇل قىلمايمەن.كولۇمبۇسنىڭ ئامېىرىكىغا ئاياق بېسىشىنى ئامېرىكىنى كەشپ قىلدى دېگىنىمۇ تامامەن پەدەزلەنگەن گەپ،كولۇمبۇس ئامېرىكىنى بېسىۋېلىشنىڭ يولىنى ئاچقان كىشى دېسەك جايىدا بولىدۇ،مەن ئادالەت نوقتىسىدىن شۇنداق قارايمەن.ئوتنى كىم تۇتقان بولسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ،شەرىئەت كەسكەن بارماق ئاغرىمايدۇ دەيدىغان ئىدىئۇم بويىچە بەزى چۈشەنچىلىرىمنى ئورتاقلاشماقچىمەن:ئ‍ۇيغۇر داۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلار بۇندىن كېيىن دىققەت قىلغاي!ياۋرۇپانىڭ مەن ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغان قىتئە ئاتلاپ  مۇستەملىكىچىلىك قىلىش ئۆتمۈشىدىن باشقا يەنە ياۋرۇپا ئىچىدە سامى ۋە يەھۇدى ھەتتا  سىگانلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن بەزى ئېچىنىشلىق ئۆتمۈشلىرى بار،گېرمانىيەدىكى، چېخىيەدىكى  نازىي كامپلىرى،پۇداپەشت،پولشادىكى يەھۇدى قىرغىنچىلىقى خاتىرە ئابىدىلىرى ھېلىھەم گۇۋاھچى سۈپىتىدە شاھىت،ئۇنى ھەركىم ئىزدىنىپ بىلىۋالالايدۇ.سامىلار بىزگە ئوخشاش قىرغىنچىلىققا ئۇچرىمىغان بولسىمۇ نۇرغۇن يەكلىنىش،كەمسىتىلىشكە دۇچ كەلگەن.  ھېلىھەم تەلەپ قىلىۋاتقان بەزى ھەق-ھوقۇقلىرى بار.سامىلار يەرلىك خەلق يەنى شۇ جاينىڭ قەدىمقى ئىگىلىرى دەپ قوبۇل قىلىنسىمۇ ياۋرۇپادىكى ئىندىجىنس پىپىل يەنى تاغلاردا ياشايدىغان ئىپتىدائى خەلق دەپ قارىلىدىكەن.سامىلارنىڭ دۇنيا سامىلار ئۇيۇشمىسى( www.saamicouncil.net) ناملىق چوڭ تەشكىلاتلىرىدىن باشقا ھەردۆلەتتە يەرلىك تەشكىلاتلىرىمۇ بار ئىكەن.دۇنيادا سامىلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى تەخمىنەن 100،000  ئەتراپىدا بولۇپ نورۋېگىيەدە 60،000 ئەتراپىدا،شىۋىتسىيەدە 36،000 ئەتراپىدا،فىنلاندىيەدە 10،000 ئەتراپىدا،روسىيەدە 2.000 ئەتراپىدا سامى ياشايدىكەن.سامىلارنىڭ ئاككالا،ئىنارى،كېمى،لۇلە.نورتەم،پىتە،سىكولت،تېر،سوۋتېرن،ئۇمە قاتارلىق تىل شىۋىلىرى بار ئىكەن،ئۇلارنىڭ يېرىمى لۇتېريان مەزھىبىدىكى خىرىستىيان،يېرىمى پارسلاۋيان مەزھىبدىكى خىرىستىيان يەنە ئاز بىرقىسمى شامان ئىكەن.(https://en.wikipedia.org/wiki/S%C3%A1mi_people)مەن فىنلاندىيەنىڭ سامىلار ياشايدىغان قۇتۇپ رايۇنىغا بېرىپ باقتىم،گەرچە بۈگۈن باشقا مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش ھەق-ھوقۇققا ئىگە بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ،ئۇلارنىڭ سىماسىدىن ئۆتمۈشنىڭ دىشۋارچىلىق كەچۈرمىشلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ،سامىلارئەمدى ئۆزىمىىزنىڭ مەسىلسىگە كەلسەك،خۇددى ئوغرى-قاراقچىلار ئ‍ۆزىنىڭ ئاشۇ ناكەس ھۈنىرىنى بىر-بىرىدىن ئىلھام ئېلىپ ئۈگىنىپ ماڭغانغا ئوخشاش مۇستەملىكىچىلەرمۇ بويۇنتۇرۇقىغا ئېلىۋالغان مىللەتنى قانداق بويسۇندۇرۇش،قانداق يوق قىلىش تاكتىكىلىرىنى بىر-بىرىدىن ئۈگۈنۈپ ماڭىدىكەن.خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىمۇ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغان كۈندىن باشلاپ قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەپ بۈگۈنكىدەك ئەڭ ۋەھشىيانە باستۇرۇش، بىزنى پۈتۈلەي يوق قلىۋېتىش شۇم نىيىتىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.خىتاي بىزدە 56 مىللەت بار دەپ قويۇپ ئارقىدىن ھەممىسى جۇڭخۇئا مىللىتى دەپ كەلدى.ئۇيغۇر،تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق قەۋملەردىن باشقا ھەممىسىنى ئاساسەن ئاسسىملاتسىيە قىلىپ ئىرىتىۋەتكەن خىتاي ،بىز ئۇيغۇرلارنى 70 يىلدىن بۇيان ئاستا-ئاستا  ئاسسىملاتىسىيە قىلىشنىڭ نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى ھىس قىلىپ 2016-يىلدىن باشلاپ جازا لاگىرلىرنى قۇرۇشقا باشلىدى ۋە نەچچە مىليۇن خەلقىمىزنى يوق قىلىۋەتتى. ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئىسمىدىن ئۇيغۇرنى تەلەپپۇز قىلماسلىق باسقۇچىغا ئ‍ۆتكەن ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەمۇرى سالاھىيەتنى بىكار قىلىش تەشەببۇسلىرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان خىتاي ھۆكىمىتى ئەتە قوپۇپ ئۇيغۇرلارنى ئىندىجىنس پىپىل دەپ ئېلان قىلىسا،ئۇچاغدا قانداق قىلىمىز؟تارىختا نەچچە ئون دۆلەت قۇرغان ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ ئىندىجىنس پىپىل قاتارىغا كىرىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن داۋاگەرلىرىمىز بۇندىن كېيىن ئىندىجىنس پىپىل يىغىنلىرىدىن يىراق تۇرۇشى، رەسساملىرىمىز ئۇيغۇر ئوبرازىنى سىزغاندا مايماق تۆگىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان،ئوتتۇرا ئەسىرنى ئەسلىتىدىغان ئىپتىدائى ئىنسان قىياپىتىنى سىزىشتىن قول ئۈزۈشى كېرەك.شۇنداقلا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ بىلىدىغان ھەربىر ئۇيغۇر زاماننىڭ ئىلغار مائارىپى بىلەن ئ‍ۆزىنى قۇراللاندۇرۇشى،قىلغان ئىشىنى ئەڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ بەئەينى بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ قايتىدىن قەت كۆتۈرگىنىدەك زاماننىڭ كەينىدە قالماسلىقى،ئاللاھنىڭ ئاغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىپ دىن-ئىماندىن يىراقلاشماسلىقى كېرەك.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەتەن ئىچىدە ئۇيغۇر بولۇپ ئىلەلئەبەت ياشىشى خىتايغا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتمەسلىك بولسا،چەتئەلدىكى ئۇيغۇرنىڭ مىللەتنى ساقلاپ قېلىشىدىكى يىگانە قۇرالى ئىسلامدىن يىراقلاشماسلىقىدۇر.ئىندىجىنس خەلقنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ياكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئىندىجىنس پىپىل ئىپتىدائى قەۋم بولۇپ ھورۇن،مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدىكەن.ئاخىرىدا شىمالى ياۋرۇپادىكى بىرقىسىم تەشكىلاتلار بۇندىن كېيىن سامىلارنىڭ يىغىن-پىغىنلىرىغا بارمىسا بولغۇدەك،سامىلار چاقىرغان يىغىنغا بېرىپ ئۆزىمىزنى ئىندىجىنس پىپىل قاتارىغا زورلاپ تىققاننىڭمۇ پايدىسى يوق.ب،د.ت دىكى يىغىنلاردىمۇ بۇندىن كېيىن ئىندىجىنس پىپىل يىغىنلىرىغا قەتئى كىرىپ سالماسلىقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى  ھۆرمەتلىك دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمدىن ۋە باشقا داۋاگەرلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن.

Bu yazıyı nasıl buldunuz?

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.