شىرئەۋننىڭ زۇلمى پىرئەۋننىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى

شىرئەۋننىڭ زۇلمى پىرئەۋننىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى

ھېيتاخۇن مەمتىمىن

إِنَّ فِرْعَوْنَ عَلَا فِي الْأَرْضِ وَجَعَلَ أَهْلَهَا شِيَعًا يَسْتَضْعِفُ طَائِفَةً مِّنْهُمْ يُذَبِّحُ أَبْنَاءَهُمْ وَيَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ إِنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُفْسِدِينَ

شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا (زومىگەرلىك قىلىپ) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى تەبىقىلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىرتەبىقە(يەنى ئىسرائىل ئوغۇللىرى)نى بوزەك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، خوتۇن – قىزلىرىنى تىرىك قالدۇردى. پىرئەۋن راستتىنلا بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى (سۈرە قەسەس 4.ئايەت)

ئەڭ ئاخىرقى ۋەھىي ۋە بىزنىڭ ھايات كىتاۋىمىز قۇرئان كەرىمدە مۇسا ئەلەيھىسسالام تەۋە بولغان بەنى ئىسرائىل قەۋمى بىلەن ئۇلارنى ئەزگەن ۋە ئېكىسپلاتاتسىيە قىلىپ ئاخىرى بېشىنى يېگەن قەدىمى مىسىر ھۆكۈمدارلىرىدىن قىبتى قەۋمىگە تەۋە پىرئەۋننىڭ ئىبرەتلىك قىسسىسى بايان قىلىنىدۇ. مۇسا پەيغەمبەر بىلەن پىرئەۋننىڭ كۆرەشلىرىدە بىزگە ئوخشاپ كېتىدىغان بەك كۆپ تەرەپلەرنى ئۇچرىتىمىز: پىرئەۋن ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشىغان بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى ئېزىشتە قوللانغان تاكتىكىلىرىنىڭ بىرى خەلقنى سىنىپلارغا بۆلۈش،ئۇلارنى ئۆز-ئارا جەڭگە جېدەلگە سېلىش ئارقىلىق ئۆز-گۈشىنى ئۆز يېغى بىلەن قورۇش بولغان. بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئىچىدىن چىققان ساتقۇن،مىللى روھتىن مەھرۇم ھامان ۋە قارۇندەكلەرنىڭ قولى ئارقىلىق يەھۇدى مىللىتىنى دەھشەتلىك قىينىغان،ئۇلارنى مىسىردىن چىققىلى قويماي قۇل ئىشچى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن،ئەرلىرىنى قىرغىن قىلىپ خوتۇن-قىزلىرىنى خورلىغان.

بەنى ئىسرائىل مىللىتىگە تەۋە ھامان پىرئەۋننىڭ ۋەزىرى بولۇپ قورچاق سىياسى ئەمەل تۇتۇش ئارقىلىق ئ‍ۆز خەلقىنىڭ ئېزىلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان،قارۇندىن ئىبارەت داڭلىق كارخانىچى يەنە بەنى ئىسرائىل مىللىتىگە مەنسۇپ بولۇشىغا قارىماي پىرئەۋننىڭ سېپىدە تۇرۇپ زالىمنىڭ دۇمبىقىنى چېلىپ يەھۇدى قەۋمىگە ساتقۇنلۇق قىلغان ۋە ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش مەنزىلى بارغانچە ئۇزاپ كەتكەن.

پىرئەۋن ئەينى چاغدىكى مېديا-ئاخباراتنى چىڭ تۇتقان بولۇپ بەنى ئىسرائ‍ىلنى قۇل قىلىش سىياسىتىنى پەدەزلەپ كۆرسەركەن ۋە نەتىجىدە بەنى ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ئۆتمۈشىنى ئىنكار قىلىدىغان،ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ تىركىشىۋاتقان مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ خاپىسالىدىغان ئېقىم يامراپ كەتكەن،ھەتتا مۇسا پەيغەمبەرنى تىل يامغۇرىغا تۇتۇپ سەن پەيغەمبەرمەن دەپ پىرئەۋنگە قارشى چىققانلىقىڭ ئۈچۈن بۇ زۇلۇم بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلدى.سەن رادىكالنىڭ تۈپەيلىدن بىز مۇشۇنداق ئارقىدا قالدۇق،سېنىڭ كاساپىتىڭدىن مۇشۇ كۈنگە قالدۇق دەپ چوقان سېلىپ پىرئەۋنگە قارشى كۆرەش قىلىشنىڭ ئورنىغا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرۇش بىلەن ئېنىرگىيەسىنى خۇراتقان.

فَاسْتَخَفَّ قَوْمَهُ فَأَطَاعُوهُ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ

پىرئەۋن خەلقىنى مانقۇرتلاشتۇرغانلىقتىن، خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق-يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر خەلق ئىدى (سۈرە زۇخروف 54.ئايەت)

پىرئەۋننىڭ مىڭە يۇيۇش سىياسىتىگە قۇربان بولۇپ كەتكەن بەنى ئىسرائىل قەۋمى پىرئەۋنگە بويۇن ئەككەن،لېكىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىقىپ مۇسائەلەيھىسسالام نېمە دېدسە تەتۈر شۇئار توۋلاپ قوپىدىغان،تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرپ قۇرۇق گەپ بىلەن شەھەر ئالىدىغانلار كۆپ بولغان،نەتىجىدە بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ ھاياتتا قالغانلىرى مىسىردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ئاناۋەتەن كەنئان دىيارىغا كىرىشكىمۇ جاسارىتى قالماي 40 يىل تىھ قۇملۇقىدا سەرسان بولۇپ ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەۋلاتلار يېتىىشپ چىققاندا ئاندىن ۋەتەن نېسىپ بولغان،بۇنىڭغا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرىمۇ كۇپايە قىلمىغان.

قارۇننىڭ پۇل ئۈچۈن پىرئەۋننىڭ يېنىدا تۇرغانلىقى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:

إِنَّ قَارُونَ كَانَ مِن قَوْمِ مُوسَى فَبَغَى عَلَيْهِمْ وَآتَيْنَاهُ مِنَ الْكُنُوزِ مَا إِنَّ مَفَاتِحَهُ لَتَنُوءُ بِالْعُصْبَةِ أُولِي الْقُوَّةِ إِذْ قَالَ لَهُ قَوْمُهُ لَا تَفْرَحْ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْفَرِحِينَ

قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ شىللىسىگە مىنىۋالغان ئىدى، قارۇنغا شۇ قەدەر مول خەزىنىلەرنى بەخش ئەتكەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى كۆتۈرۈش كۈچتۈڭگۈر بىر توپ كىشىگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىر كېلەتتى. ئەينى ۋاقىتتا قەۋمى قارۇنغا ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايدۇ (سۈرە قەسەس 76.ئايەت)

ئەمدى بىزنى قۇل قىلىپ پىرئەۋندىنمۇ ۋەھشى زۇلۇم قىلىۋارقان شىرئەۋننىڭ گېپىگە كەلسەك:

خىتايلار 1970-1960 يىللىرىدىكى ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدە بىزنى گوروھلار،سىنىپلارغا بۆلۈپ،ھەتتا بالىنى ئاتا-ئانانىغا،ئايالىنى ئېرىگە،ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتقۇچىغا،ئىشلەمچىنى خۇجايىنغا دۈشمەن قىلىپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ يېغى بىلەن قورۇپ ئازابلاپتىكەن،سەل قول ئىلكىدە بار ئۇيغۇرلىرىمىز بۇرژۇئا،پومىچىك دەپ دۇمباللىنىپ زىندانلارغا تاشلانغان بولسا،ئەھلى ئىلىملەر جاھالەت پىرى،ئوقۇمۇشلۇقلار ئاللىقانداقتۇر چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر دېگەندەك قالپاقلار بىلەن كۆرمىگەن كۈنىمىز قالماپتىكەن.

2016-يىلىدىن بۇيان شەرقى تۈركىستان مىقياسىدا ئەۋج ئالغان خىتاينىڭ 2-ئەۋلات زور ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋەتەن ئىچىدىكى مىللىتىمىزنىڭ خېلى زور كۆلىمىنى ھالاك قىلىپ تۈگەشتۈرۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە،بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلەنمىگەن خىتاي ھۆكىمىتى ناھايىتى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى تۈگۈشتۈرۈش شۇم پىلانىنى كۈنتەرتىپكە ئالغانلىقى ھەممىگە مەلۇم.

ئەسلىدە مۇشۇنداق ئۆز-يېغى بىلەن ئۆزىنى قورۇپ دۈشمەننى يوق قىلىش تاكتىكىسى تارىختىن بۇيانقى پۈتكۈل مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئورتاق ئۇسۇلى ئىكەن.مۇستەملىكە ئاستىدا ئۇزۇل يىل ياشىغان مىللەتلەردە ئۆز قەھرىمانلىرىنى،باغرىدىن چىققان جەڭگىۋارلىرىنى جىڭغا ئولتۇرمايدىغان بانا-سەۋەپلەر بىلەن نۆلگە تەڭ قىلىپ ھەممە مەسئۇلىيەتنى شۇلارنىڭ ئۈستىگە ئارتىپلام رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم قىلىش كېسىلى ئەۋج ئالىدىكەن. بىز بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى قەدىمقى مىسىردا ئۆتكەن قىبتى مىللىتى بىلەن بەنى ئىسرائىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا،ئىنگلىزلار بىلەن ئاۋىستىرالىيەنىڭ يەرلىك خەلقى ئابورجىنلار ئوتتۇرىسىدىكى نىزالاردا ،ئىسپانلار بىلەن لاتىن ئامېرىكىلىق يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەملىكە قىلغۇچى سىنىپ بىلەن ۋەتىنى بېسىۋېلىنىپ مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىدە ئوخشاپ كېتىدىغان تىراگېدىيەلەرنى كۆرەلەيمىز.

چەتئەلدە ياشاۋاتقان ناھايتىمۇ ئاز نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىچىدە داۋاغا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇۋاتقانلار ئاران يۈزدە 10 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىر ئاچچىق رېئاللىق، تور دۇنياسىدا ئاۋۇپ كەتكەن فىتنىلەرگە قاراپ،ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئىش قىلىۋاتقانلارنى سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلەپ تىللاۋاتقانلىقىنى لەنەتلىمەكتە يوق،نومۇس قىلماي دو سېلىنىپ بېرىۋاتقانلارنى كۆرۈپ ياقامنى چىشلەپ قالىمەن.

بۇ دېگەنلىك داۋا قىلىۋاتقانلارنى تەنقىتلىمەڭ دېگەنلىك ئەمەس،ئەركىن پىكىر،تەنقىت بولمىغان جەمئى‍يەت ئالغا باسمايدۇ،بىرخىل ئىدىيە،بىرخىل قېلىپ پەقەت كوممۇنىستلارنىڭ شۇئارى.مېنىڭ دەۋاتقىنىم ئىش قىلغانلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىىش،ئىش قىلىۋاتقانلارغا توسقۇنلۇق قىلىشتۇر

Bu yazıyı nasıl buldunuz?

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.