خىتاينىڭ تۈگىمەس ۋەسۋەسىسى

خىتاينىڭ تۈگىمەس ۋەسۋەسىسى

 ھېيتاخۇن مەمتمىن1952

.يىلى  مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرىتىم سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مىڭبىر جاپادا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تائىپ شەھرىگە دېئاسپورادىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلارنى،جامالەت ئەرباپلىرىنى ۋە سەرخىللارنى  چاقىرىپ تۇنجى قۇرۇلتاينى ئاچقان ئىكەن. شۇ چاغدىكى شەرقى تۈركىستانلىق ۋەكىللەر  ئەيسا ئەپەندىمنى پاسىبان سايلاپتىكەن،شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ چەتئەلدىكى بىرئۇچۇم پىنتوزىلىرى”ئەيسا  ۋەزىپىدىن چۈشۈپ  كېتىشى كېرەك!،ئەيسا ئىستىپا بەرسۇن،مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا باش بولۇشى كېرەك! دەپ” دەپ چوقان كۆتۈرۈپ رو چىۋىندەك غوڭۇلداپتىكەنمىش،مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى بانا قىلىپ تۇرۇپ ئەيسا ئەپەندىمگە ھۇجۇم قىلىشاتتىكەن،ھەتتا بۇ ئىككى مويسىپىتنى بىر-بىرىگە قارشى كۈشكۈرتۈپ باققان بولسىمۇ ئاخىرقى ھاياتىنى شەرقى تۈركىستان تارىخىنى يېزىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىغان مەرھۇم مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرىتىم گەپ توشۇپ كەلگەن پىتنىخورلارنىڭ دەككىسىنى ئىزچىل بېرىپ،داۋادىشى ئەيسا ئەپەندىمنى ئۈزلۈكسىز قوللايدىكەنتۇق. ئارىدىن بىرنەچچە يىل ئۆتەر-ئۆتمەيلا مۇھاممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرىتىم ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ-يۇ قىزىل خىتاي ئۇ مەرھۇمنى گومىنداڭچى دەپ قارا سۇۋاپ گورىدىمۇ جىم ياتقۇزمىغان ئىكەن.مۇھاجىرەت ھاياتىنى ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاتاپ ياشىغان  ئەيسا ئەپەندىم تاكى 1995-يىلنىڭ ئاخىرى ۋاپات بولغانغا قەدەر تۆھمەتخور،قىتغور،فىنتىخور-دەۋرداش ئەبۇجېھىلسىمان ئادەملەرنىڭ تىل-ئاھانىتى توختىماپتىكەن،ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋاپات بولغان كۈنى خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇھ دەپ تەنتەنە قىلىشىپتىكەنمىش. ئەيسا ئەپەندىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يەنە شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر سەرخىللار مۇزاكىرىلىشىپ تۈركىيە ئارمىيىسىدىن ئەمدىلا دەم ئېلىشقا چىققان گېنىرال مەھمەت رىزا پاشامنى پاسىبان سايلىغان ئىكەن،خوتەننىڭ ئىلچى يېزىسىدىن 15 يېشىدا ئايرىلغان مەرھۇم رىزا پاشام يېشى بىريەرگە بېرىپ قېلىشىغا قارىماي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئىشلارغا ئىمزا ئاتقان بولسىمۇ،خىتايپۇرۇشلار ھېلى تۈركىيە ئۈچۈن ئىشلەيدىغان شىپيۇن دېسە،ھېلى دېموكراتىك سايلام بىلەن باشلىق بولمىدى،ئورۇننى بوشىتىشى كېرەك دەپ قىتىغۇرلۇق قىلاتتىكەن.رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ،ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ئورۇن بوشىتىپ بېرىشىدىن كېين ئۇزۇن يىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا باش بولدى،يەنە  رابىيە قادىرنىڭ  ئۈستىدىن پىتنە،ئىغۋا توقۇپ ئارام بەرمىگەن خىتاي دېموكراتىيە ۋە سايلامنىڭ غەلۋىسنى تولا قىلىپ ئاخىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتتى لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بولغان ھۇجۇمى توختىمىدى.بۇ قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ 7.نۆۋەتلىك ئۇمۇمى يىغىنىدا دېموكراتىك ئۇسۇلدا بېلەت ئارقىلىق قايتىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىممۇ ئىلگىرىكى داۋا پىشىۋالىرىغا ئوخشاشلا 1.نومۇرلۇق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. بۇنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يېرى يوق. ئىندىجېنىس پىپىل،ئادىل بولمىغان سايلام… دېگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى باھانە خىتاينىڭ پىتنىسى شاھانە.ھەرئىنساننىڭ كەمچىلىكى بولىدۇ،بەزى ئىشلارنى خاتا قىلىپمۇ سالىدۇ نېمىلا بولمىسۇن بىز 30 يىلدىن بۇيان شەرقى تۈركىستان داۋاسىغا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ  بەلگىلىك تۆھپە قوشقان-دولقۇن ئەيسا،ئابدىقادىر ياپچان ،ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان،ئۆمەر قانات،مەمەت توختى،پەرھات يۇرۇڭقاش ۋە ئىسمىنى يېزىپ بولالمىغان  مىللەتنىڭ خىزمىتىگە ئۆزىنى ئاتىغان تالاي ئادەملىرىمىزنى ئىككى توك-توكنىڭ گېپى بىلەن سېتىۋەتمەيمىز.بىز ئۇلارنى ئۇزۇن يىلدىن بۇيان تونۇيمىز. ئەگەر سىزنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياكى سىز ھۇجۇم قىلىۋاتقان بىرەر ئۇيغۇر تەشكىلاتىدىن ياخشىراق پىلانلىرىڭىز بولسا،دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقىڭىزدىن پايدىلىنىپ سىزمۇ دەۋاغا ئاتلىنىڭ،ئۇلار خاتا قىلغان ياكى يېتىشەلمىگەن پىلانلارنى سىز رۇياپقا چىقىرىڭ.نېمە قىلسىڭىز قىلىڭ،لېكىن گەپنى ئاز قىلىپ ئىش جىق قىلىڭ،ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە زىيان سالماڭ.

Bu yazıyı nasıl buldunuz?

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.